خىتايدا ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 54 ئادەم ئۆلدى
2004.11.21
خىتاي شەرقىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇۋ شەھىرىدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھادىسىگە ئۇچراپ، جەمئىي 54 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باۋتۇۋدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان مەزكۈر ئايرۇپىلان باۋتۇۋ شەھىرىدىكى بىر كۆلگە چۈشۈپ ھالاك بولغان.
بۇ قېتىمقى ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدىكى 47 نەپەر يولۇچى ۋە 6 نەپەر ئايرۇپىلان خىزمەتچى خادىمىنىڭ ھەممىسى قازاغا يولۇققاندىن سىرت، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش جەريانى يەنە بىر قىسىم ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىپ، يەر يۈزىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە قازاغا يولۇققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتى بايقالغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئىنىقلىماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خېبيدىكى تۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 9 ئادەم ئۆلدى
- خۇنەندىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغان گۇمانلىق كىشى بايقالدى
- داپىڭ كۆمۈركانىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەن ئادەم سانى 122 دىن ئاشتى
- داپىڭ كۆمۈر كېنىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 82 گە يەتتى
- خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركان پارتلاش ۋەقەسىدە ئولگەنلەرنىڭ سانى 66 گە يەتتى
- خېنەندىكى بىر كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 62 ئادەم ئۆلدى