خىتاي دائىرىلىرى ھالاكەتكە يولۇققان ئايروپىلاننىڭ تىپىدىكى ئايرۇپىلانلارنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىدى


2004.11.22

خىتاي شەرقىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانى يەكشەنبە كۈنى ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن، خىتاي ئاۋىئاتسىيە باش شىركىتى مەزكۈر ئايرۇپىلان بىلەن ئوخشاش تىپتىكى بارلىق ئايرۇپىلانلارنى ئۇچۇشتىن توختۇتۇپ، تەكشۈرۈشكە بۇيرىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە كانادادا ياسالغان چرج تىپلىق بارلىق ئايرۇپىلانلار تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

كانادادا ياسالغان چرج-200 تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇۋ شەھىرىدىن قوزغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئايرۇدۇرۇم ئەتراپىدىكى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ۋەقەدە 54 ئادەم قازا تاپقان.

خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە قازاغا يولۇققانلارنىڭ جەسەتلىرى ئاساسەن تېپىلغان. ئەمما ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش تارىخى خاتىرىلەنگەن قارا ساندۇقچە تېخى تېپىلمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ ئادەملەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بارلىق چرج تىپلىق ئايرۇپىلانلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.