ياپونىيىنىڭ ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ شاڭخەي ئايرودرومىغا قونۇشى رەت قىلىندى
2006.12.01
خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان ياپونىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر ترانسپورت ئايروپىلانى بىلەن بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى جۈمە كۈنى شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا قونماقچى بولغاندا خىتاي ھاۋا قاتناش دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
ياپونىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باياناتچىسى، خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئېلان قىلىنمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شاڭخەيگە قونۇشىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەينى چاغدا خىتايلار شاڭخەيدە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيە ئايروپىلانلىرى توكيوغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى شۇ كۈنكى خەۋىرىدە شاڭخەي ئايرودرومىنىڭ جۈمە كۈنى ئالدىن ئالا ئېلان قىلىنمىغان ھەربىي مانېۋىر سەۋەبىدىن 2 سائەت تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە پۇدۇڭ خەلقئارا ئالدۇردۇمى ھاۋا كونترول مەركىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، ئايرودروم خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تاقالغانلىقىنى، ئايرودرومنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى "بۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دەپ تەكىتلىگەن.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى ئايرودرومنىڭ ھەربىي مانېۋىر سەۋەبىدىن تاقالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى بۇ يەردە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سەنكاكۇ ئارىلىنى قوغداش ئۈچۈن بارغان خىتايلار زەخمىلەنگەن كېمىسىنى ھەيدەپ خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەن
- ياپونىيە يېڭى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەربى پائالىيىتىنى كۆزەتمەكتە
- خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە يىرىكلەشمەكتە
- ياپونىيە خىتاينى ئەيىبلىدى
- توكيو سوت مەھكىمىسى خىتايلارنىڭ تۆلەم تۆلىتىش ئەرزىنى رەت قىلدى