خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە شەنبە كۈنى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر ھەربىي قاتناش ئايرۇپىلانىدىكى 40 كىشىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋەقەنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنكى ۋەقەدە ئايرۇپىلاندىكى پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مەركىزى ھەربىي ئىشلاركومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيوڭ يىتەكچىلىك قىلغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ۋەقەنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. دائىرىلەر مەتبۇئاتلارنى ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ۋە ئۆلگۈچىلەر ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ھادىسە يۈز بېرىپ 30 سائەتتىن كېيىن ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى ھەربىي پائالىيىتىنى تاشقىي دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ھادىسە يۈز بەرگەن گۇاڭدﯤ ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر ۋەقەگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىش تاپشۇرۇقى ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقە يۈز بەرگەن گۇاڭدﯤ ناھىيىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ 200 كلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. (ئەركىن)