خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تېررورچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى، دەپ مۇكاپات بەردى
2008.03.26
خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ كز6901 بەلگىلىك يولۇچى ئايرۇپىلان گۇرۇپپىسىغا 'يەتتىنچى مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچقان ئايرۇپىلاندا تېررورچىلىق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى' دەپ 400 مىڭ يۇئەن مۇكاپات بەردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇئەن شۇ قېتىمقى ئايرۇپىلان لەنجۇدا توختاپ ئۆتكەن ۋەقەنى 'شەرقىي تۈركستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان تېررورچىلىق ھەرىكىتى'دەپ قايتىدىن تىلغا ئالغان.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 7 - مارت كۈنىدىكى ئايرۇپىلان ۋەقەسىنى 19 ياشلىق، كۇچارلىق ئۇيغۇر قىز پەيدا قىلغان. ئۇ قىز ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىققان ئىچىملىك قۇتۇسىغا بېنىزىن قاچىلاپ، بېنىزىن پۇرىقىنى ئەترە بىلەن يوقىتىشقا تىرىشقان، ئەمما ئايرۇپىلان خادىملىرى بۇ قىزنى دەرھال تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئايرۇپىلاننى پارتلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- خوتەندە شىددەتلىك يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى
- "ئايروپىلان ۋەقەسى" ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى
- خىتاي دائىرىلىرى ھاۋا قاتناش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزنىڭ مەقسىتى ئايروپىلاننى پارتلىتىش، دەپ ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى دەپ ئىغۋا ئىجاد قىلغانلىقىدىن تېنىۋالدى
- خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: "رابىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى"
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- چىڭ گاڭ رابىيە قادىرنىڭ " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" ھەققىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى









