خىتاي، نېفىت ۋە باشقا بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىسراپ قېلىنىشنى كونترول قېلىش ئۈچۈن نېفىتتىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىدىكەن
2007.03.20
خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشلىقى ماكەي "ھازىر نېفىتتىن ئېلىنىۋاتقان باج بەكلا تۆۋەن" دەيدۇ. ماكەي نىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بايلىق مەنبەلىرىنىڭ قالايمىقان ئېچىلىشى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى كوپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىق خاھىشلارنى توسۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق باج ئېلىش ئۆلچىمى بېكىتىش ئۈستىدە ئىزلىنىۋىتىپتۇ.
ھازىر خىتايدا ھەر بىر باك نېفىتكە قويۇلىدىغان باج 2 يۈەندىن 4 يۈەنگىچە ئىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2006 -يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىتتىن غەزىنىلەشتۈرۈلگەن باج كىرىمى 16 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، 35 ناھىيىسىدە نېفىت بايلىق مەنبەسى بار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى نەچچە ئون مىليارد يۈەن نېفىتتىن كېرىدىغان باج غەزىنىلەشتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلىنىشىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي چەتئەلدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش قەدىمىنى تېزلەتمەكچى
- دۇنيادىكى چوڭ نېفىت شىركەتلىرى خىتاي نېفىت بازارلىرىغا كىردى
- خىتاي نېفىت بازىرى ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان
- خىتاي -تۈركمەنىستاندىن نېفىت گازى ئىمپورت قىلىش گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىدى
- خىتاي يېڭى يىلدا بىر يۈرۈش يېڭى قانۇن-قائىدىلەرنى يولغا قويدى