خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ، شەنشى ئۆلكىسىدىن يەنە قارا خۇمدانلىقلاردا قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغان يەنە 80 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرغىچە شەنشى ئۆلكىسىدىن قۇتقۇزۇلغان قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغانلارنىڭ سانى 331 كىشىگە يەتكەن بولۇپ بۇلارنىڭ 9 نەپىرى كىچىك بالىلار ئىكەن. خېنەن ئۆلكىسىدە قۇتقۇزۇلغان قۇل ئىشچىلارنىڭ سانى بولسا 271 كىشىگە يەتكەن .
شەنشى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى دۇ يۇلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنشى ئۆلكىسىدىكى 2500 دىن ئارتۇق قارا خۇمدانلىق، كۆمۈر ۋە تۆمۈر كانلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 14000 دىن ئارتۇق ساقچى سەپەرۋەر قىلىنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەرلىك ھۆكۈمەت قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغانلارنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 24 كىشى تۇتۇلغان.
كىشىلەرنى قوللۇق ئەمگىكىگە سالغان قارا خومدانلىق ۋە كۆمۈركان ئىگىلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ساقچىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ساۋشىڭ يېزىسىدىكى قانۇنسىز ئىش ئېلىپ بارغان قارا خۇمدانلىقنىڭ ئىگىسى، مەزكۇر يېزىنىڭ پارتىيە سېكرىتارى بولغان ۋاڭ دوڭجىنىڭ ئوغلى ئىكەن. ساقچىلار بۇ يېزىدىكى قارا خۇمدانلىقتىن 31 نەپەر قۇل ئىشچىنى قۇتقۇزغان. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارا خۇمدانلىقتا ئۆتكەن نويابىر ئېيىدا بىر كىشى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن.
خىتايدا قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا تەييارلىنىۋاتقان خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۇكلەشتۈرىدىغان بىر ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە. بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەرب سىياسەتچىلىرى بولۇپمۇ خىتاينىڭ سودان بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى بايقۇت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى تېخى11- ئىيۇن كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2008- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش رۇخسىتى بېرىلگەن خىتاي كارخانىلىرىنى، ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە سېلىش ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.(ئۆمەر قانات)