"قارا خۇمداندا قۇللۇققا تۇتۇلۇش" شەرمەندىچىلىكى پۇر كەتكەندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ شەنشى، خېنەن قاتارلىق رايونلاردىن 168 دىن ئارتۇق ئادەمنى، ئىشچىلارغا خورلاش مۇئامىلىىسدە بولغان، دەپ قولغا ئالدى. جوڭگۇ گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 48 ئى شەنشىدىن، قالغانلىرى خېنەندىن تۇتۇلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18 ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر شەرمەندىچىلىك، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ، پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى نامراتلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئارقىلىق "ئىناق جەمئىيەت" قۇرۇش ۋەدىسىگە قارا كۆلەڭگۈ تاشلىغان.
ئادەمنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغايدىغان قارا خۇمدان شەرمەندىچىلىكى خىتايغا پۇر كەتكەندىن كىيىن، شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خۇمدان رايونىغا ئىشچىلارنى خورلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئەۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خوجايىنلار ئىشچىلارنى ئىت ۋە رەھىمسىز ئىش باشقۇرغۇچىلار ئارقىلىق تىزگىنلەپ ئۇرۇپ ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ ئىشچىلارنىڭ قول- پۇتلىرىنى كۆيۈك ۋە تاياق زەربىسىدىن پەيدا بولغان ھەرخىل يارا-چاقىلار قاپلاپ كەتكەن. ھەتتا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خۇمدان خوجايىنىنىڭ بىر بالىنى تاساددىپىي ئۆلتۈرۈپ قويۇپ كۆمۈۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەنشىدىكى قارا خۇمداندىن ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئىشچىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغان بولۇپ، بىز ھازىر ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. (جۈمە)