خىتايدا بالا ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش مەسىلىسى كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە

دۈشەنبە كۈنى، مەركىزى خوڭكوڭدىكى خىتاي ئەمگەك خەۋەرلىرى ئىسىملىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا سەبىي بالىلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

" كىچىك قوللار" دەپ ئاتالغان مەزكۇر دوكلاتتا، ئەگەر ھۆكۈمەت جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، خىتايدا بالا ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش قىلمىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىككى ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان قارا خۇمداندىكى قۇل ئىشچىلار سەتچىلىكىدىن كېيىنمۇ، ئىشچىلارنىڭ بولۇپمۇ بالا ئىشچىلارنىڭ ئېكسپلاتاتسىيىسىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي ۋە كەڭ كۆلەملىك بىر تەدبىر ئالمىغان.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئەمگەك خەۋەرلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلات، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار، فابرىكا ۋە كارخانا ئىگىلىرى، بالا ئىشچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ئاساسىدا تەييارلانغان.

خىتايدىكى قول ئىشچىلار سەتچىلىكى ئىيۇن ئېيىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە قارا خۇمدانلاردا ئىشلىتىلگەن 576 نەپەر قۇل ئىشچىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت 41 ىنىڭ بالا ئىشچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاتا-ئانىلار بولسا ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ قول ئىشچىلار مەسىلىسىنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)