خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئامېرىكا ماتتېل شىركىتىگە ئىشلەپ بەرگەن خىتاي ئويۇنچۇق شىركىتىنىڭ باشلىقى ئالدىنقى كۈنى ئۆزنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى، لىدا سانائەت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىغا بالىلار ئويۇنچۇقى ئېكسپورت قىلىشىنى ۋاقىتلىق چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى جاڭ شۇخوڭ، شىركەتنىڭ ئىسكىلاتىدا ئۆزىنى ئېسىۋالغان.
"جەنۇبىي شەھەر گېزىتى"نىڭ شىركەت دىرېكتورى ليۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ليۇ: " مەن ئۇ يەرگە كەچقۇرۇن سائەت بەشتە بارغان ئىدىم. ساقچىلار نەق مەيداننى دائىرە ئىچىگە ئېلىپ بولغان ئىكەن. ئەمما، مەن جاڭ خوجايىننىڭ بوينىدا ئارقان ئىزلىرىنى كۆردۈم" دەيدۇ.
بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا مۇئەييەن نىسبەتتىكى زەھەرلىك ماددا يەنى قوغۇشۇن بايقالغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار ئويۇنچۇقى شىركىتى- ماتتېل 1.5 مىليون دانە خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئىدى.
بۇ قېتىملىق يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارغا قارىتا چىقىرىلغان ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىركەت دىرېكتورى ليۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىدا ئويۇنچۇق شىركىتى، بۇ شىركەتكە سىر تەمىنلەيدىغان شىركەت، دوڭ شىڭ يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بولۇپ، دوڭ شىڭ شىركىتىنىڭ خوجايىنى، لىدا شىركىتىنىڭ خوجايىنى جاڭنىڭ يېقىن دوستى ئىكەن. ( جۈمە)