خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە سالامەتلىك سەۋەبىدىن يىغىۋېلىنغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى ۋە مەسىلە بايقالغان كارخانىلارنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ شىنپېي، پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ بالىلار بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،" بىز ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭمۇ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە" بىز بۇ ۋەقەلەرنى تەكشۈرىمىز ۋە قەتئىي بىر تەرەپ قىلىمىز،" دەيدۇ. لېكىن ۋاڭ شنپېي، تەكشۈرۈلىدىغان كارخانىلار، تەكشۈرۈش ئەھۋالى ياكى مەسىلە بايقالغان كارخانىلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ئامېرىكا ماتتېل بالىلار ئويۇنچۇقى شىركىتى، ئالدىنقى كۈنى خىتايدا ياسالغان 19 مىليون دانە بالىلار ئويۇنچۇقىنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ماددىلاردا سىرلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
بۇ ماتتېل شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم بالىلار ئويۇنچۇقىنى يىغىۋېلىشى ئەمەس. مەزكۇر شىركەت بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن خىتايدا ياسالغان بىر يېرىم مىليون ئويۇنچۇقنى ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىغىۋالغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئويۇنچۇق كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى باياناتى، ئامېرىكا ۋە خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرى كېلەر ئايدا خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى سۆھبەتتىكى مەركىزى تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)