ئامېرىكا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ماللىرىنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن قايتۇردى

ئامېرىكا ئىستىمال بۇيۇملار بىخەتەرلىك كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ماتتېل بالىلار ئويۇنچۇقلىرى شىركىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلغان تورت، زىبۇ ‏- زىننەت، پاراخوت قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنىڭ تەركىۋىدە قوشۇغۇن مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بۇ تۈردىكى 665 مىڭ دانە بالىلار ئويۇنچۇقىنى خىتايغا قايتۇردى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ئۆتكەن 4 ئايدىن بېرى خىتايدا ياسالغان 20 مىليون بالىلار ئويۇنچۇقىنى قوغۇشۇن مىقدارى كۆپ ئىشلىتىلگەنلىك سەۋەبىدىن بىخەتەر ئەمەس، دەپ قاراپ يىغىۋالغان. تىببىي مۇتەخەسسىسلەر، قوغۇشۇن مىقدارى زىيادە ئىشلىتىلگەن ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتىنى تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ كۈنى ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتاي دائىرىلىرىنى خىتاي تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، خەلقئارا سودىدا ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى خىزمەت مىنىستىرى لەۋىتت، خىتاي ھۆكۈمىتى مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى قوبۇل قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنى خىتاي ماللىرىدا بايقالغان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈۋەتتى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇنىڭ ئالدىدا چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كارخانىلار ۋە سانائەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى مەھسۇلاتلارغا قارىتا بىخەتەرلىك نازارىتىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ 12 ‏- ئايدا بېيجىڭدا كېلىشىم ئىمزالىماقچى. (ئەركىن)