جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى باۋ توڭ ئەپەندى 17 ‏- قۇرۇلتاي ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى


2007.10.24

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 80 ‏- يىللاردىكى باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى، ھازىرمۇ تېخىچە بېيجىڭدا نەزەربەنت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان باۋ توڭ ئەپەندى 17 ‏- قۇرۇلتاي ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى.

باۋ توڭ ئەپەندى ئوبزورىدا خۇ جىنتاۋغا رەددىيە بېرىپ 'ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاي جۇڭگودا ساقلىنىۋاتقان چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھېچقايسىغا جاۋاب بەرگىنى يوق، ئۇنى تارىختىكى شانلىق سەھىپە دېيىشكە تېخى ئەتىگەن' دېدى.

باۋ توڭ ئەپەندى ئوبزورىدا "جۇڭگودا قانداق قىلىپ توساتتىنلا شۇنچە كۆپ مىليونېر، تېرلىيونېرلار پەيدا بولۇپ قالدى؟ ئەمما ئەڭ كۆپ جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەر نېمە ئۈچۈن تېخىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىرمىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار بىر چوڭ دۆلەت تېخىچە تاشقى سودىدىن ياكى چەتئەللەرنىڭ مەبلىغىدىن ئايرىلىپ قالسا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ؟ ئىشچى‏- دېھقانلارغا 'ۋەكىل'لىك قىلىمىز دەۋاتقان كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى ھەدەپ كۈچ تېپىپ دۇنيادا باش كۆتۈرۈۋاتقاندا، ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان ئىشچى، دېھقانلار ئاممىسى نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئاجىز ئادەملەر توپىغا ئايلىنىپ قالدى؟ بايلىق مەنبەلىرى ۋە ھاياتلىق مۇھىتى بۇزۇلۇپ كېيىنكى ئەۋلادلىرى خەتەرگە ئۇچراۋاتقان بىر مىليارد 400 مىليون خەلق، نېمە ئۈچۈن ئەمەلدار بىلەن سودىگەر تىل بىرىكتۈرۈۋالغان گۇرۇھ ئالدىدا شۇ قەدەر ئىقتىدارسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى؟ جۇڭگودا ماركىسىزم بايرىغى، ماۋزېدۇڭ بايرىقى، دېڭ شاۋپىڭ بايرىقى دېگەن بايراقلارنى ئىگىز كۆتۈرگەنسېرى، نېمە ئۈچۈن ھەل قىلىنمىغان مەسىلە شۇنچە كۆپىيىپ دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ؟ 17 ‏- قۇرۇلتاي بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردىمۇ؟" دەپ سۇئال قويدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.