باۋ توڭ: خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىنى يولغا قويماي تۇرۇپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ
2006.01.16
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى باۋ توڭ، جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىنى يولغا قويماي تۇرۇپ، مەۋجۇت ئىقتىسادىي ۋە ئىجىتمائىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باۋ توڭ باياناتىدا، خىتايدا دېموكراتىك بىر تۈزۈم قۇرۇلماي تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان جاۋ زىياڭ 15 يىللىق نەزەربەنت ھاياتىدىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى 17- يانۋار كۈنى قازا قىلغان.
باۋ توڭ باياناتىدا، ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، خىتايدا چوقۇم ئىقتىسادىي ۋە ئىجىتمائىي كرىزىس يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايدىكى چىرىكلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىر پارتىيىلىك دىكتاتورلۇق ھاكىمىيەت، دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدا، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2004 -يىلى خىتايدا چوڭ -كىچىك بولۇپ، 74000 قېتىم نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن.
خىتاي رەھبەرلىرى بولۇپمۇ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردا سىياسىي جەھەتتىن چەكلىك بەزى ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئۇسۇلىدا بىر دېموكراتىيە يولغا قويۇشنى قەتئى رەت قىلماقتا. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى چەكلىدى
- خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش ۋاقىت جەدىۋىلى بەرمىدى
- ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئىسلاھاتتىن ئۈمىدسىزلەندى
- خىتاي سىياسىي دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلماقچى
- خوڭكوڭدا پۇقرالار ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى