لو گەن، " دۈشمەن كۈچلەر" نى باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2005.02.28

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭەشىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان " دۈشمەن كۈچلەر" نىڭ باستۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى لو گەن، كومپارتىيىنىڭ ئورگان ئەپكارى "ئەمىلىيەت" ژورنىلىدا يازغان ماقالىسىدا تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىغىننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بېيجىڭ شەھىرى بويىچە 650 مىڭ كىشىنى سەپەرۋەر قىلغان. بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇم، پويىز ئىستانسىسى، مېھمانخانا، ئاپتوبۇس بېكىتى ۋە سودا ساراي قاتارلىق ئورۇنلاردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

ساقچىلار دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭغا كىرىش رۇخسەتنامىسى ئالمىغان ماشىنىلارنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى چەكلىگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، لۇ گەننىڭ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لۇ گەن، مەملىكەت ئىچىدىكى دۈشمەنلەرگە ئاكتىپ زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش، مەملىكەت سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى ئۈنۈملىك تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئۇ، مەملىكەت سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ كىملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنى سىياسى مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.