خىتايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان نامايىش باستۇرۇلدى
2007.03.13
13 - مارت فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرىگە قارىغاندا، قوراللىق ساقچىلار يۇڭجۇ شەھىرىگە سەلدەك ئېقىپ كىرىپ 4 كۈن داۋام قىلغان توپىلاڭنى تىنچىتقان. مەلۇم بولۇشىچە ئاممىۋى قاتناش ھەققىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى بۇ توپىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەب ئىكەن.
خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۇڭجۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ توپىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىدىن ئاجرىتىلغان بىر بۆلۈك قوراللىق ساقچى يەرلىك ئامانلىق ساقلىغۇچى قىسىملارغا ھەمدەمگە كەلگەن.
يەرلىك شەھەر ئاھالىسى لى مۇنداق دەيدۇ: "چۈنكى ئۇلار مىلتىق ۋە تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان ساقچىلارنى ئەۋەتكەچكە، ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن تىنجىتىلدى".
خەلق ئاممىسى بىلەن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش 5 سائەتتەك داۋام ئەتكەن بولۇپ، توقۇنۇش داۋامىدا 1 ئوقۇغۇچى قازا قىلغان ۋە 60 ئادەم يارىلانغان. توقۇنۇش جەريانىدا نامايىشچى ئامما ئىنتايىن غەزەپكە كەلگەن بولۇپ ساقچىلارغا قاراپ" بۇ ھۆكۈمەت ئىتلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى" دەپ سۈرەن سېلىشقان. ساقچىلارمۇ خەلق ئاممىسىغا قاراپ" ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەيلى" دەپ ۋارقىراشقان. جەنۇبىي جۇڭگۇ ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇش جەريانىدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئوقۇغۇچى يەكشەنبە كۈنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە قازا قىلغان ئىكەن. (جۈمە)