خۇنەننىڭ يۇڭجۇ شەھىرىدىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى ؟


2007.03.16

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلى" نىڭ خەۋەرقىلىشىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۇڭجۇ شەھىرى جۇشەن بازىرىدىكى پۇقرالار بىلەن قوراللىق ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. كەڭ كۆلەملىك ئىسياننى باستۇرۇش بۇيرۇقىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چۈشۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلۈم -يىتىم ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇڭجۇ شەھىرىدىكى ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر توپىلاڭدا ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆكۈمەت 13 - مارت كۈنى بىر دىۋىزىيە قوراللىق ساقچى قىسىمىنى يۆتكەپ كېلىپ توپىلاڭنى باستۇرغان. "ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توپىڭلاڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئەتراپتىكى رايونلاردىن زاپاس قوراللىق قىسىملارنى يۆتكەپلا قالماي، يەنە ماشىنىلاشقان بىر دىۋىزىيە قوراللىق ساقچى قىسىمىنى يۆتكىگەن. خىتاينىڭ ھەربىي قانۇنى بويىچە بىر باتالىيوندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكىرى قىسىملارنى يۆتكەشكە توغرا كەلسە، چوقۇم خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. " ئاسىيا ھەپتىلىك جورنىلى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەرلىك قوراللىق ساقچىلارنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك توپىلاڭنى باستۇرۇشقا كۈچى يەتمىگەندىن كېيىن، ياردەمچى قىسىملارنى يۆتكىگەن بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە يۇڭجۇدىكى توپىلاڭ پۈتۈنلەي بېسقىتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر پۇقرالارنى ۋەقە توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرماقتا ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.