يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ئەڭ باي كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ئىكەن. بۇنداق بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداش سىياسىتىدە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولىشىدىن ئىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى جەنۇبىي خىتاي ھەپتىلىك گېزىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلار تەكشۈرۈش قىلغان بايلىقى 2 مىليارتتىن ئاشىدىغان بايلارنىڭ 90% ئى بايلىقنىڭ ئۇلارغا "ئەندىشە" ۋە "باش ئاغرىقى" ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى دېرىكتورى لۇ شۆۋېي " بايلارنىڭ بۇنداق ھېس قىلىشىغا ئاساسلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ سېستىما سىياسەتلىرى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ بايلارنى ھەسەت قىلىشى سەۋەپ بولغان" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئاساسىي قانۇنىدا تېخى شەخسىي مال-مۈلۈكنى قوغدايدىغان كونكېرت كاپالەتلەرنى تۈزمىگەن ئىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىكى كۆپ قىسىم بايلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بىلەن ۋە ئەمەلدارلارغا زور مىقداردا پارە بېرىش ئارقىلىق باي بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ بايلارغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنىمۇ پەيدا قىلىدىكەن. خىتاي ياشلار گېزىتىنىڭ بىر دوكلاتىدىمۇ، خىتايدىكى شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ ئەندىشە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان. (پەرىدە)