ب د ت: باي‏- كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەھدىت


2005.12.16

ب د ت جۈمە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، باي‏- كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشى خىتايدا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا جىددىي تەھدىت سالماقتا، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ب د ت، " خىتاينىڭ 2005 - يىللىق ئىنسان تەرەققىيات ئەھۋالى" ناملىق دوكلاتىدا، يۈز مىليونلىغان يەرلىك يېزا پۇقرالىرى ۋە كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ 25 يىللىق ئىقتىسادى تەرەقققىيات مىۋىسىدىن بەھرىمان بولالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا " كىرىم پەرقىدىكى ئىگىز - پەسلىك ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشسىزلىق ۋە خىيانەتچىلىكنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. بۇلار ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنى كەسكىنلەشتۈرىۋاتقان ئامىللاردۇر " دەيدۇ.

دوكلات ب د ت تەرەققىيات پروگراممىسى تەرىپىدىن ھازىرلانغان بولۇپ، كىرىم پەرقىنىڭ ئىگىز - پەسلىكى يېزىلاردىكى بۆلۈنۈشنى كۈچەيتىپلا قالماي، شەھەرلەردىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنى چوڭايتماقتىكەن. دوكلاتتا " كىرىم پەرقىنىڭ ئىگىز -پەسلىكى خىتايدىكى دراماتىك تەڭسىزلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.

ب د ت، دوكلاتنى ھازىرلاش باسقۇچىدا پۇقرالارنىڭ كىرىمى، مەدەنىيەت ئەھۋالى ۋە ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى 2002 - يىلى دېكابىردا ئېلىپ بارغان خەلق رايىنى سىناشتا، 80 % كىشى كىرىم پەرقىدىكى ئىگىز - پەسلىكنى " ئەڭ زور ئىجتىمائىي مەسىلە " دەپ قارىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.