بېيجىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ساقچىلىرى ھەر قايسى سودا مەركەزلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ۋەقە سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالماقتا ئىكەن. بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى نۆۋەتتە ساقچىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە بىخەتەرلىكنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلانغان.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئەگەر بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەندە، بېيجىڭدىكى ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى بەش مىنوت ئىچىدە ھەر قانداق بىر سودا مەركىزىگە يېتىپ بارالايدىكەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ۋە ئىشسىزلىك نىسپىتىنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل پارتلىتىش، ئوت قويۇش ۋە زەھەرلەش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. (ئارزۇ)