تەيۋەن پىرېزدېنتى چىن شۈيبىيەن دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى
2004.10.10
تەيۋەن پىرېزدېنتى چىن شۈيبىيەن 10 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي ئالاقە باغلاشنى ئويلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ نۇتۇقىدا، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنى تەيۋەن بىلەن بىرلىكتە "ھەرىكەت نىزامى" تۈزۈپ چىقىشقا چاقىردى ھەمدە ھەربىي ھازىرلىقنى كونترول قىلىش ۋە ھەر خىل ئۆز ئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللۇنۇش ئارقىلىق، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە دەۋەت قىلدى.
چىن شۈيبىيەن سۆزىدە يەنە "ئىككى تەرەپ رايۇننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە پۈتۈن دۇنياغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دىئالوگ باشلاشنى ئىستەش كېرەك" دىدى. ئۇ، 92 - يىلىدىكى خوڭكوڭ سۆھبىتىغا ئاساسەن ئىككى تەرەپ قۇبۇل قىلالايدىغان بىر لاھىيىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىككى قىرغاق سۆھبىتىگە تەييارلىق كۆرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمىي دەپ قارايدىغان بولۇپ، زۆرۆر بولغاندا قورال كۈچى بىلەن تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. تەيۋەن نۆۋەتتە خىتايدىن كىلىدىغان ھەر قانداق ھوجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن 18 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال سېتىۋېلىشنى ئويلاشماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن، ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ
- تەيۋەن پرېزىدېنتى موڭغولىيىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇستەقىللىقنى تاللىغانلىقىنى مەدھىيىلىدى
- چېن شۈيبىيەن خۇ جىڭتاۋنىڭ ھەربىي تەھدىتنى پەسەيتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاينى نىشانلىغان ھەربىي خىراجەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- جىياڭ زېمىن، تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى
- چىن شۈيبىيەن: خىتاي ھاكىمىيتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقىچە ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك
- جىياڭ زېمىن خىتاي ئارمىيىسىنى كومپارتىيە ۋە خو جىنتاۋنى قوللاشقا چاقىردى
- جاڭ زېمىن، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئايرىلدى
- خىتاي چېن شۈيبىيەننىڭ "تەيۋەن" ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش تەلىپىنى ئەيىبلىدى
- خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى