خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجىن شەھىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بولغان، تېرررورچىلىققا قارشى ساقچىلارنى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەركەزنى قۇرۇشقا 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان . ئۇلار يەنە ئامېرىكا، گىرمانىيە، ياپۇنىيىدىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ مەركەزنى "دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تەربىيىلەش ئورنى"غا ئايلاندۇرىدىكەن.
ساقچىلار بۇ يەردە، قانداق قىلىپ تېررورىستلارغا ۋە باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىدىكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، تېررورچىلىققا قارشى ساقچىلارنى تەربىيىلەش مەركىزى كىلەر يىلى ئېچىلىشى مۇمكىن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. بىراق، غەرب ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، تىنچلىق بىلەن ئۆز سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا بۇ خىل ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. (ئارزۇ)