بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارگېنتىنالىق ئادۋۇكات لەيلا زەرۇگۈينىڭ يىتەكچىلىكىدىكى بەش كىشلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا بېرىپ، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى ۋە ساقچىخانا قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلپ بارىدىكەن.
مەزكۈر ۋەكىللەر خىتايدىكى مەھبۇسلار، تۈرمىدە يېتىپ چىققانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خىتايدىكى خالىغانچە تۇتۇش ۋە قانۇنسىز تۇتۇش تۇرۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرىدىكەن. ئۇلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ب د ت كىشىلىك ھوقوق كومىتىتنىڭ كىلەر يىللىق يىغىنىغا دوكلات تەييارلايدىكەن.
خەلقارا كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى، خىتايدا قانۇنسىز تۇتۇش، سوتلاش ۋە خالىغانچە تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى.(ئارزۇ)