ب د ت بالىلار فوندى خىتاينى ئەيدىز مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش دېرىكتورى كەرول بەلامېي خىتاينىڭ ئەيدىز مەسىلىسىنى ئاممىۋى ساغلاملىققا تەسىر يېتكۈزىدىغان مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ئەھمىيەت بېرىشىنى سورىدى.

رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەرۇل بەلامېي پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا نۇتۇق سۆزلەپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ مەۋجۇت بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما، ئۇ ئەيدىز مەسىلىسىنى بىر قىسىم پۇقرالارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك" - دېدى.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇچۇر، مۇلازىمەت ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا نۇرغۇن رىقابەتلەرگە دۈچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز ۋىروسى دۇنيادىكى بالىلارغا كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىد ھېسابلىنىدىكەن.

ب د ت بالىلار فوندىنىڭ باش دېرىكتورى كەرۇل بەلامېي، ئۇلارنىڭ كېلەركى بەش يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى تېخنىكا ياردىمى بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدا 840 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر، ئەمىلىيەتتە خىتايدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ بىر مىليوندىن بىر يېرىم مىليونغا يەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. (ئارزۇ)