ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2005.03.17

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسارى ۋە مەخسۇس قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش خادىمى بۇ يىل خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ مەخسۇس قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش خادىمى ۋەن بوۋىننىڭ 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش خادىمى ۋەن بوۋىننىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلەرگە بېرىپ دەخلى- تەرۇزسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىگە قوشۇلغان. بىراق ئۇنىڭ كونكىرت قايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسارىمۇ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى. بۇنىڭدىن سرت، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ب د ت نىڭ دىنىي ئىشلارنى تەكشۈرۈش خادىمىنىڭمۇ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلغان بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىدىغان كونكىرت ۋاقىت جەدۋىلىنى بىكىتمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان خادىملىرىنىڭ زىيارىتىگە يول قويغان. بىراق، بىر قىسىم تەكشۈرۈش خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە دەخلي- تەرۇز يەتكۈزگەنلىكىدىن نارازى بولغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.