ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خادىملىرىنىڭ خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشىگە يول قويۇدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارزۇسىنىڭ بۇ يىل كۈزدە ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش خادىمى مانفرىد نوۋاك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ “ تەكشۈرۈش كۈنىنى بېكىتىش باسقۇچىدا” كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مانفرىد نوۋاك، خىتاينىڭ خالىغان تۈرمىنى تەكشۈرۈش شۇنداقلا ئۆزى خالىغان مەھبۇس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇش ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان، ئامما خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تەن جازاسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغان ئىدى. ئۆيكەن يىلى ب د ت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى تيو ۋان بوۋېننىڭ خىتاينى تەكشۈرۈش پىلانى كېچىكتۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھبۇسلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئامېرىكا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا ئىدى. 2003 - يىلى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تەن جازاسى ۋە قانۇنسىز قولغا ئېلىشنى ئاساس قىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش تېمىسىدىكى 1064 دىلو پاش قىلىندى. (ئەركىن)