ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ


2005.08.23

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئورگاننىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى بۇ يىل 11 ۋە 12 - ئايلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ۋە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك،11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋە 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھەرلىرىنى شۇنداقلا تىبەت مەركىزى لاسا، بېيجىڭ ۋە جىنەنلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ب د ت پەۋقۇلاددە خادىمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئاممىۋى جەمئىيتەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىدىكەن.

مانفرىد نوۋاك بۇ يىلنىڭ باشلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. بىراق ئۇنىڭ تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىش، مەھبۇسلار بىلەن تەنھا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تەلىپى رەت قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنىڭ خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قىسمەن يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەن جازاسى توغرىسىدىكى تەنقىدىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى.

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىلىر بويىچە سابىق ئەمەلدارى تيو ۋەن بوۋېن، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈشىنى كېچىكتۈرگەن ئىدى. چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق بەزى جايلاردىكى تۈرمىلەرنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.