ب د ت خىتاينىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلىگە بولغان نازارىتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى

نۆۋەتتە خىتايدا يەنە بىر قېتىم قۇش زۇكىمى كېسىلى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر خادىمى چارشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم قۇش زۇكىمى كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلالماي قېلىشىنىڭ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ ئاشلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى نورېددىن مونا، خىتايدا قۇش زۇكىمى كېسىلىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىشىنىڭ، ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن جىددىيلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا ئۆتكەنكى 2 ھەپتە ئىچىدە 3 يەردە قۇش زۇكىمى كېسىلى بايقالدى. ئەڭ كېيىنكىسى خۇنەن ئۆلكىسىدە بايقالغان بولۇپ، بۇ كېسەل سەۋەبىدىن بۇ يەردە 545 دانە توخۇ ۋە ئۆدەك ئۆلگەن.

مونا سۆزىدە يەنە، "ئەگەر بۇ كېسەل بۇ يەردە يەنە داۋاملىق بايقالسا، ئۇ ھالدا بۇ، خىتاينىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك قوللانمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېدى. (پەرىدە)