ب د ت باش كاتىپى بان - كىمۇن خىتاينى تىبەتتە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈندىدى
2008.03.18
ب د ت باش كاتىپى بان - كىمۇننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەت ۋەزىيىتىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان. بان كىمۇن ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا تىبەت ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىردى.
شۇ كۈنى ھىندىستان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر خىتاي باش ئەلچىلىرىنى چاقىرتىپ، بان - كىمۇنغا ئوخشاش تىبەت ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكىنى، لېكىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پىلانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا يەنە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تىبەتچە ئاڭلىتىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بان كىمۇننىڭ باياناتى دۈشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش شىتابىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ " مەن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا شۇنداقلا ئىلگىرىلىگەن ھالدا قارشىلىشىش ۋە زوراۋانلىق ۋاستىلارنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىمەن " دەيدۇ.
بان - كىمۇن " تىبەت ۋەزىيىتىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى " نى شۇ كۈنى خىتاينىڭ ب د ت باش ئەلچىسى ۋاڭ گۇاڭيا بىلەن كۆرۈشكەندە تەكىتلىگەن. دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئىبارىسى ئېغىر سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش تەكلىپى پارلامېنتتىكى بەزى گۇرۇھلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلار يىغىننى تەرك ئەتتى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دائىرىلىرىنى قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرغان ھەم مەسىلىنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوسوۋادا ب د ت تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى بىلەن سېربلار توقۇنۇشتى
- غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- دالاي لاما ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى
- خىتاي تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تەھدىت سالدى
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى
- ئەرمەنىيىدىكى قالايمىقانچىلىقتا 8 ئادەم ئۆلدى
- كاستىرو دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەردى
- گۇاڭجۇدا 4 مىڭ كىشى ئىش تاشلاپ يوللارغا توساقلارنى قۇردى
- خىتاي دائىرىلىرى دۇڭجۇ كەنتىگە ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇردى
- نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار توپىلىڭى يۈز بەردى