خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن خىتاينىڭ قانۇن سېستىمىسىدىكى ئىسلاھات ھەققىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى. بۇ، خىتاينىڭ ب د ت نىڭ، "خەلقئارا پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى"نى قوبۇل قىلىشىدىكى دەسلەپكى باسقۇچ دەپ قارالماقتا.
بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى لۇئىس ئاربور خانىم ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىم بويىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ،تۈرمە جازاسى ئورنىغا باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشىغا ، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئادۋۇكاتلار قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىلەرنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن.
بۇ ئارىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى چارشەنبە كۈنى، لۇئىس خانىمنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشخانىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نەزەربەنتكە ئالغانلىق ۋەقەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى ھەمدە ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)