دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا بېيجىڭدا قولغا ئېلىش ھادىسلىرى يۈز بەرمەكتە

0:00 / 0:00

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرىنچى ئۆكتەبىردىن بۇيان، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا نەچچە يۈز ئادەم قولغا ئېلىنغان ھەمدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك مەركىزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنماقچى بولغان داۋاگەرلەر ئىكەن.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىگە، تيەن ئەن مىن مەيدانىدىكى ئادەم تۇتۇش قىلمىشلىرى بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشلەر ئەتراپىدىلا باشلانغان. ئۆكتەبىر ئالدىدا بېيجىڭغا دەۋاغا بارغان نى يۈلەننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تيەن ئەن مىن مەيدانىدىكى ساقچىلار مەزكۇر مەيدانغا ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەرنىڭ سومكىسىنىمۇ بىر -بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىققان. 1 ‏- ئۆكتەبىر كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا ، مەزكۇر مەيداندا 300 گە يېقىن ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ماجيالۇۋ دېگەن يەرگە ئاپىرىپ قامالغان.

بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز سۇنماقچى بولغان دۇ مىڭرۇڭنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنى تيەن ئەن مىن مەيدانىدا ئادەم تۇتقان ساقچىلارنىڭ فورمىسىدا ساقچى بەلگىسى بەلگىسى بولمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولغا ئالغان كىشىلەرگە بولغان پوزىتسىيىسى ئىنتايىن قوپال بولغان.

بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۆكتەبىر بايرىمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا ك تازىلاش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.