خىتاي دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسىنى رەسمى يولغا قويىدۇ
2005.02.28
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، دەپ ئاقلىماقتا. بىراق مەزكۇر بەلگىلىمىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، يېڭى بەلگىلىمە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي مەزھەبلەرنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىغا قانۇنى ئاساس يارىتىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى پۇقرالارنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى دىنىي - ئېتىقات ھوقۇقىنى قانۇن بىلەن قوغداش شەكلىگە ئىگە قىلدى، دەپ مەدھىيىلىگەن. خىتاينىڭ ھازىرقى دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت تىزىملىكىنىڭ سىرتىدىكى مەسچىت ۋە چېركاۋلاردا ئىبادەت قىلىشىنى چەكلىگەن.
يېڭى بەلگىلىمە مەسچىت، چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ ئۆشرە-زاكات يىغىش، ئىئانە توپلاش، مال - مۈلك ھوقۇقى شۇنداقلا تالىپلارنى تەربىيىلەش قائىدىسى قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يېڭى بەلگىلىمىدە " پۇقرالارنى دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەمەسلىككە مەجبۇرلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى دىنىي ئىشلار دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرىلىدۇ،" دەپ يازغان.
مەزكۇر بەلگىلىمىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، يېڭى بەلگىلىمە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي مەزھەپلەرنى باستۇرۇشىغا قانۇننى ئاساس يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەركىزى نيۇ - يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ خادىمى نىكولاس بېكيۇلىن، يېڭى بەلگىلىمىدىكى يۇقىرىقى ماددىلارنى دىنىي ئېتىقات ھوقۇقىنى قاغدىماقچى بولغان كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىش مۈمكىن، دەپ كۆرسەتكەن. دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمە دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ رەسمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (ئەركىن)