بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 2007 - يىل 1 - يانۋار كۈنىدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بۇيىچە، خىتاي پۇقرالىرىدىن ئايرودروملاردا چېگرىدىن كىرىش جەدۋىلى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا، "خىتاي پۇقرالىرى" دېيىلگەن دائىرە چوڭ قۇۇرقلۇقتىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەندىكى ئاھالىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇلتۇر 262 مىليون خىتاي پۇقراسى ۋە 40 مىليون چەتئەللىك خىتاي چېگرىسىدىن كېرىپ چىققان. سەپ تۇرۇپ نۆۋەت كۈتۈش يولۇچىلارغا ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتايدىن خوڭكوڭ ۋە ماكاۋغا بارىدىغانلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە. (ۋەلى)