بومبا تەھدىدى بىيجىڭ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىنى كېچىكتۈردى


2004.09.20

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشى بومبا تەھدىدى سەۋەبىدىن كېچىكىتۈرۈلگەنلىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىگە ئەۋەتىلگەن بىر خەتتە، يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا بومبا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

سودا يەرمەنكىسى بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىدا ئىچىلماقچى ئىكەن. لېكىن بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى يەرمەنكىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنى ۋەقەدىن خەۋەردار قىلغان. تەنتەربىيە كىيىم-كېچەكلىرىنى ئاساس قىلغان مەزكۇر يەرمەنكە -9 ئاينىڭ -19 كۈنىدىن -28 كۈنىگىچە ئىچىلماقچى ئىكەن.

بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇلار ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بىرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماقتا. ئۆتكەن شەنبە كۈنى مەزكۇر تەنتەربىيە سارىيىدا بىر كونسىرت ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

بۇ ئارىدا بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بىر بانكىغا بومبا قويولغانلىقىنى، تەھدىد قىلغان بىر كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر كىشى ماي ئىيىدىن بىرى ئۈچ قېتىم ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ، بېيجىڭ شەھىرى ئىچىدىكى بىر بانكىغا بومبا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەھدىد سالغان ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.