خىتاي بېيجىڭدىكى چەتئەللىكلەرگە قارىتا ۋىزا باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن

ئامېرىكا Wall Street Journal گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى چەتئەللىكلەرگە قارىتا ۋىزا باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن . يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى، ساقچىلار بېيجىڭدىكى مېھمانخانا ۋە چەتئەللىكلەر چۈشىدىغان ئاھالىلەر رايونلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ۋىزىسى يوق ياكى ۋىزا مۇددىتى توشۇپ كەتكەن چەتئەللىكلەر بايقالسا، ساقچىلار جەرىمانە قويۇش، تۇتۇپ قېلىش ياكى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بەرمەكتە ئىكەن.

Wall Street Journal گېزىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. لېكىن بېيجىڭدا ساقچىلارنىڭ چارلاش ھەرىكىتى چەتئەللىكلەرگىلا قارىتىلغان بولماسلىقى مۇمكىن. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا ، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى، بېيجىڭدا ياشايدىغان ساياھەتچى، تىجارەتچى ۋە نىمكارچى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ھەتتا بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئولىمپىك كەنتى ۋە ئولىمپىك كەنتىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇلارغا بىر قاتار ئاۋارىچىلىقلارنى تۇغدۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم كومپارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى سىياسى كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىش مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ تىجارەتچى، نىمكار ۋە ساياھەتچى ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كۈزدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىنى چاقىرماقچى. يېقىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى ئۆكتىچى زاتلارنى، ئەرز ‏- شىكايەتچىلەرنى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان زاتلارنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)