خىتاي بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى


2008.02.22

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بومبا بايقاش ئەسۋابى، ماشىنا جاھازلىرىنى ۋە ئايرودرومنىڭ ئۆتۈشمە نۇقتىلىرىغا ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرغان.

" خەلق گېزىتى" نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭ ئايرودرومىدىكى ساقچىلارنىڭ"بومبا بايقاش ئەسۋابى، رېنتىگېن ماشىنىسى، ھەرىكەتچان جاھازىلار، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ئېلېكترونىك ماشىنا ئەسلىھەلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇلغانلىقىنى" بىلدۈردى.

خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر ئايرودروم ئەتراپىدا بىخەتەرلىك چەمبىرىكى قۇرۇپ، ئايرودرومغا بارىدىغان پۈتۈن يوللاردا ساقچى پونكىتلىرىنى تەسىس قىلىش، ئايرودروم خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدىكەن. رويېتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى نيۇ چىڭباۋنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېلگىيە پايتەختى برېيۇسېلدىكى بىر يىغىندا "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى قۇردى" دېگەن سۆزلىرىگە باغلىدى ھەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نېفىت بايلىقى مول ئۇيغۇر يۇرتىغا ئېقىپ كىرىشى يەرلىك خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى يازدى.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇ پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىسىنى ئىجرا قىلماسلىقنىڭ بىر باھانىسى ئىكەنلىكىنى. چۈنكى بىخەتەرلىك سەۋەبى ۋەدىسىدە تۇرماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى باھانىسى بولالايدۇ، دەپ قارىماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى پۈتۈن تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئولىمپىك بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە قارشى تۇردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.