ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى
2007.07.13
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جۈمە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىنى تەنقىد قىلدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيىسى ۋە دۇنيا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى خەيىن ۋېربرۇگېننىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىلغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سۆزلىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۈشكۈرتكەنلىك، دەپ ئەيىبلىدى. خەين ۋېربرۇگېن ئۆتكەن ھەپتە قىلغان سوزىدە بەزى ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارماسلىققا چاقىرغان ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئارتۇقچە ئۈمىد كۈرمەسلىكنى تەكىتلىگەن ئىدى.
يۇقىرىقى 2 خەلقئارا تەشكىلات ۋېربرۇگېنغا يازغان ئوچۇق خېتىدە، ئۇنىڭ سۆزى ئولىمپىك روھىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەخلاقىي پرىنسىپىغا زىت، دەپ كۆرسەتتى. ئوچۇق خەتتە يەنە مۇنداق دەيدۇ:" سىز بەزى كىشىلەر ئولىمپىك مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقچى، دەپسىز شۇنداقلا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەييارلىق كومىتېتىدىن بۇ ئىشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئارىلىشىپ قېلىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلىپسىز. بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى سىستېمىلىق تۈردە باستۇرىۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپلا قالماي، كىشىلىك بىخەتەرلىكى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا ئىتەرگەنلىكتۇر."
ئوچۇق خەتتە، ۋېربرۇگېندىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرماسلىقى كېرەكلىكى شۇنداقلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدۇ
- بېيجىڭ ئولىمپىكىدا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇۋاتقان تىكتاك توپ زالىغا ئوت كەتتى
- خىتاي ئارمىيىسى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ
- جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى
- كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى
- خىتاي بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
- خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر باشلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى بەلگىلىگەن
- بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى
- خىتاينىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدى "ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش"
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ