بېيجىڭ : ئولىمپىك جەريانىدا مۇخبىرلار ئىنتېرنېت تورىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ
2008.04.03
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ ئىنتېرنېت تور مەيدانلىرىنى ئەركىن ئازادە قوللىنىشىغا كاپالەت بېرىدىكەن.
بولۇپمۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىشىنى توسىمايدىكەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋېربۇكېن پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان 30 مىڭ مۇخبىرنىڭ ئولىمپىك ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنىڭ، ئىنتېرنېتتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئولىمپىكنى كېلىشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گوسىپامۇ، تارقىتىش چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ بىۋاستە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ خالىغان شەكلى بويىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئوخشاش ئورۇنلاردىن نەق مەيداندىن بىۋاستە خەۋەر تارقىتىشنى كونترول قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، خىتاي دۈشەنبە كۈنى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا يەتكۈزۈلۈش جەريانىنى كۆرسەتكەن، بىراق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان مەزكۇر پروگراممىنىڭ ۋاقتى ئازراق كېچىككەن.
بۇ ئارىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئولىمپىك پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان قىلمىشلارنى ئىزچىل سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە نەق مەيداندىن بېرىلىدىغان ئۇچۇرلارغا توسقۇنلۇق قىلىنماسلىقى كېرەك
- ئامېرىكىدا خىتاينى ئەڭ چوڭ دۈشمەن قاتارىغا قويىدىغانلارنىڭ نېسبىتى ئۆرلەپ قالدى
- نەنسى پېلوسى، پرېزىدېنت بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
- ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئېغىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى
- ئولىمپىك مەشئىلى تىبەتلەرنىڭ قارشىلىقى ئىچىدە خىتايغا تاپشۇرۇلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللەپ تىبەتكە ئەۋەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتە
- خىتاي، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مەشئەل يېقىش مۇراسىمىدىكى پاراكەندىچىلىكنى ئەيىبلىدى
- ياۋروپا ئەللىرىدە خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرى كۈچەيمەكتە
- ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسىمى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شرود براۋن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى









