خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ ئىنتېرنېت تور مەيدانلىرىنى ئەركىن ئازادە قوللىنىشىغا كاپالەت بېرىدىكەن.
بولۇپمۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىشىنى توسىمايدىكەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋېربۇكېن پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان 30 مىڭ مۇخبىرنىڭ ئولىمپىك ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنىڭ، ئىنتېرنېتتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئولىمپىكنى كېلىشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گوسىپامۇ، تارقىتىش چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ بىۋاستە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ خالىغان شەكلى بويىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئوخشاش ئورۇنلاردىن نەق مەيداندىن بىۋاستە خەۋەر تارقىتىشنى كونترول قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، خىتاي دۈشەنبە كۈنى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا يەتكۈزۈلۈش جەريانىنى كۆرسەتكەن، بىراق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان مەزكۇر پروگراممىنىڭ ۋاقتى ئازراق كېچىككەن.
بۇ ئارىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئولىمپىك پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان قىلمىشلارنى ئىزچىل سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)
