خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭغا ئەرزىگە ماڭغان خوڭكوڭ دېموكراتلىرىنى چېگرىدا توسۇۋالغان

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خوڭكوڭ ۋالىسى زېڭ مىڭچۈەننىڭ خوڭكوڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات توغرىسىدىكى دوكلاتىنى شەنبە كۈنى مۇزاكىرە قىلىشدىن بۇرۇن، بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي دائىرىلىرىدىن خوڭكوڭغا دېموكراتىيە بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاي ساقچىلار شېنجىن تاموژنىسىدا توسۇۋالغان.

خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزاسى لياڭ گوخۇڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ 4 نەپەر دېموكراتىك زات بىلەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا بارماقچى بولۇپ شېنجىنغا كىرگەندە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئۇلارنى تاموژنىدا 30 مىنۇتتەك تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن خوڭكوڭغا قايتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭلا بېيجىڭغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان. لياڭ گوخۇڭ، ساقچىلارنىڭ يېنىدىكى خەت ‏- چەك، ماتېرىيال ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە سۇنىدىغان ئىلتىماسلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "خوڭكوڭ خەلقىغە ۋاكالىتەن بېيجىڭغا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز" دەيدۇ.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شەنبە كۈنى خوڭكوڭ ۋالىسى زېڭ مىڭچۈەننىڭ خوڭكوڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ھەققىدىكى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. دوكلاتتا، زېڭ مىڭچۈەن خوڭكوڭ ۋالىسىنى 2017 - يىلى ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاپ سايلاپ چىقىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەر كېچىكسە 2012 - يىلى سايلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. لېكىن رويېتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خوڭكوڭ ۋالىسىنى 2012 - يىلى سايلاش پىكىرىنى رەت قىلىشى مۇمكىن.

خوڭكوڭ ئاۋام پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى روننىي تاڭ، رويېتىرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا " بۇ خوڭكوڭ خەلقى ئۈچۈن ئارقىسى كەلمەيدىغان يەنە 10 يىل كېچىكىش دېگەنلىكتۇر " دەيدۇ. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2004 - يىلى خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، 2007 ۋە 2008 - يىللىرى ئومۇمى خەلق سايلىمى ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)