بېيجىڭدا ئاققۇن ئىشچىلار ئۇستىدىن تەكشۈرۈش ئىشلىرى كۈچەيتىلگەن
-
2008-02-22 -
-
-
22- فېۋرال جۈمە كۈنى بېيجىڭ ساقچى تارماقلىرى، بۇ يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئاققۇن ئىشچىلار ئۇستىدىن تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىشچىلارنىڭ كىملىك كىنىشكىلىرى تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئاققۇن ئىشچىلار بېيجىڭدا قانۇنلۇق تۇرۇش ئۇچۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىدىن ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن.
بېيجىڭ خەۋەرلىرى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئاساسلىقى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتلىرى، ۋوگزاللار ۋە بېيجىڭغا تۇتىشىدىغان مۇھىم يول ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، چاغاندىن كىيىن بېيجىڭغا كېلىدىغان ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرىدىكەن. خەۋەردە، بۇنداق تەدبىرنىڭ ئېلىنغانلىقى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئامانلىقى ۋە ئولىمپىك ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت ھازىرلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدە 5.4 مىليون ئاققۇن ئىشچى بار بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ نەچچە پىرسەنتىنىڭ بېيجىڭدا قانۇنىي تۇرۇش رەسمىيىتى بارلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خىتاي بېيجىڭ خەۋەرلەر تورىدا مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلى خىتاي ئاخبارات تارماقلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بۇ يىللىق ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئاققۇن ئىشچىنى چىقىرىۋېتىشنى پىلانلىغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جەنۇبىي كورىيىدىكى مۇز ئىسكىلاتى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 12 سى خىتاي پۇقراسى بولۇپ چىقتى
- خىتايدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە
- خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشكە بارغان كۆچمەن خىتايلارنى مۇكاپاتلىماقچى
- ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان ئاققۇن ئىشچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- ئىشچىلارنى خورلاش قىلمىشلىرى داۋاملىق پاش بولماقتا