خىتاي دائىرىلىرى، ئافرىقا دائىرىلىرىگە بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى تەكىتلىدى

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 12 ‏- يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي " بىر جۇڭگو پرىنسىپى" خىتاي بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمدە رايوندىكى تەشكىلاتلار بىلەن تەرەققىيات مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ سىياسىي ئاساسى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "ئافرىقىدىكى 'بىر جۇڭگو پرىنسىپى' گە ھۆرمەت كۆرسىتىۋاتقان دۆلەتلەرنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماسلىق، جوڭگونىڭ پۈتۈنلىكىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز" .

خىتاي ئافرىقىدىكى 47 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، تەيۋەن تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر سانى 25 كە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 6 سى ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردىن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 10 ‏- ئايدا ئافرىقىدىكى سېنېگال دۆلىتى تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان.

خىتاي ئىزچىل تۈردە ، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماسلىقنى تەكىتلەشتىن سىرت، تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنى" خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق " دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)