تەيۋەن پرېزىدېنتى، پەقەت تەيۋەن خەلىقىنىڭلا تەيۋەننىڭ كېلەچىكى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە قارار بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ "بىر جۇڭگو" پرىنسىپىنى ئۆزگەرتىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
چىن شۈيبيەن چارشەنبە كۈنى تەيبېيدە، تەيۋەننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ستېف كوبات بىلەن ئۇچرىشش جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا": ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ھېچكىم ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قايتىدىن بىرلىشىش بىردىن - بىر يول دېيىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس" دېدى. چېن شۇيبيەن يەنە، ستىئېف كوباتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ "بىر جۇڭگو" پرىنسىپىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا شۇنداقلا تەيۋەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىگە رەھمەت ئېيتتى.
خىتاي ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، چىن شۈيبيەننىڭ ئۆتكەن يىلى چاغاندا تەيۋەندە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە قۇرۇلغان ۋە خىتاي بىلەن قايتىدىن بىرلىشىش ئىرادىسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان بىر قىسىم ئورگانلارنى بىكار قىلىپ تاشلىغانلىقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.
چىن شۈيبيەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ستىئېف كوبات بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە قاتناشقان ئامېرىكا - تەيۋەن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، مۇنداقچە قىلىپ ئېتيقاندا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن دىپلوماتىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ستېفان يۇڭغا، بۇ چاغاندا ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش، جىددىي سىياسىي قارارلار ئالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇشىنى ئېيتقان. (ئەقىدە)