خىتايدا خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خەتەرلىك

ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىكى بىر نېفىت -خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەيشەنبە كۈنى خىتاي بويىچە خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇتلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

سۇڭ خۇاجىياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسىدە مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى تەسىرگە ئۇچرىغان. خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ شىڭشيەننىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتايدىكى 21 مىڭ خىمىيە زاۋۇتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەريالىرىنىڭ ۋادىسىغا تارقالغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتلاردا روشەن بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. دائىرىلەر بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

جاۋ شىڭشيەن مۇخبىرلارنىڭ چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى خىمىيە زاۋۇتلىرىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ئەمدى دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا جۇڭگونىڭ مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ساقلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۇڭ خۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى خىتايلاردا ئىقتىسادى تەرەققىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت تەھدىتىنىڭ خەۋپ - خەتىرىگە قارىتا تونۇش پەيدا قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتايدا دەريا - كۆللەرنىڭ 70 % ى بۇلغانغان بولۇپ، خىتاي بويىچە 600 شەھەرنىڭ 400 ىدە سۇ يىتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۈت ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى خىتاي بويىچە سۇ يىتىشمەسلىك مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر شەھە ربولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)