خىتاينىڭ ئومۇمىي خەلق قۇرۇلتىيى كىلەر يىلى بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننى مۇزاكىرە قىلىدۇ


2004.12.26

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسىنى كىلەر يىلى 3 - ئايدا خىتاي ئومۇمىي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يەكشەنبە كۈنى 13 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، “بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننى تىكلەش ئىنتايىن زۆرۈر” دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر قانۇننى تىكلەشنىڭ بىردىن - بىر مەقسىدى، تەيۋەندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى چەكلەش دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ قانۇننىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

بىراق، تەيۋەن دائىرىلىرى بولسا، بۇ قانۇن لايىھىسىنى باشتىن- ئاخىر ئەيىبلەپ كەلمەكتە. تەيۋەننىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى قانۇنىي ئاساسقا ئايلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ قارىغاندا، ئەگەر تەيۋەن رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلسىلا، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد ئىشلىتىپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.