تەيۋەن، خىتاينىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنىنى بىر كۈشكۈرتۈش دەپ كۆرسەتتى


2004.12.27

تەيۋەننىڭ خىتاي ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى جوزىف ۋۇ دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسىنى جىددى بىر كۈشكۈرتۈش ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتتى . ئۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنى بېيجىڭنىڭ بۇ پىلانىنى توختىتىش ئۈچۈن تەيۋەنگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى .

كۆپچىلككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلسا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئۈچۈن قانۇنى ئاساس يارىتىپ بېرىدىغان بەزى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى جوزىف ۋۇ تەيبېيدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "بۇ قانۇن لايىھىسى تەيۋەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەۋجۇت ۋەزىيەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىش ، جىددى بىر كۈشكۈرتۈش ۋە ۋەزىيەتنى سەۋەپسىز جىددىلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ۋاقىتنى كىچىكتۈرمەي، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمەن" دىدى .

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى خىتاينىڭ ئۆزىنى- ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان، دېموكراتىك تەيۋەنگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش غەرىزىنى قانۇنلاتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.