خىتاي "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى" نى كېلەر يىلى 3 - ئايدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق بېكىتىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى پەقەت خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قارارىنى شەرتسىز ماقۇللايدىغان قورچاق ئورۇن بولغاچقا، شۇڭا 3 - ئايدا بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇقەررەر ماقۇللىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇن" ئىنى تۇرغۇزۇشتىكى بىردىن-بىر مەقسەتنىڭ تەيۋەننىڭ ئايرىمىچىلىق كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ، تەيۋەنگە قورال كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا قانۇنىي ئاساس يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئەيىبلەپ كەلدى.(پەرىدە)