ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىشىغا قارشى تۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار، بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ چىقىرىلىش ئالدىدىكى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا جىددى مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندىدى. ئاۋام پالاتاسىدىكى دىموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىش تىرىشچانلىقى "خەتەرلىك ھەرىكەت" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى تانكلېيد، خىتايلارنىڭ قانۇن چىقىرىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، " بىز خىتايلارغا تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇشەققەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشلىقىنى ھىس قىلدۇرىشىمىز كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى شېرلېي پانكلېي، خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىشىغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، "ئەگەر خىتايلار بۇ قانۇننى چىقارسا، ئۇ ھالدا بۇ ئىنتايىن چوڭ خاتالىق بولىدۇ. بۇ ئامېرىكىنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز تەرەپتە تۇرۇشىمىز كېرەك، تەيۋەن بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز."

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتەج، ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا خىتاي دۆلەت كابىنتى تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يۈنلىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. (ئەركىن)