تەيۋەن ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى "يۈتۈۋېلىشقا قارشى قانۇنى" نى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى


2005.02.23

تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان تەيۋەن ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى چارشەنبە كۈنى، خىتاي چىقارماقچى بولىۋاتقان "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەندە "يۈتۈۋېلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى تۈزۈپ چىقىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ باياناتچىسى چېن جيەنمىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تەييارلاۋاتقان " بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىڭ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۈز قىلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ تەيۋەن ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ بۇ قارارنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىدا چىڭ تۇرىدىغان سابىق پرېزىدېنت لى دېڭخۇينى مەنىۋى رەھبەر قىلغان بولۇپ، ئۇلار يەنە "يۈتۈۋېلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىڭ قارار لايىھىسىگە ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى گاۋشيوڭدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بارماقچى.

تەيۋەن ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى تەيۋەن پارلامېنتىدىكى 225 ئورۇننىڭ ئاران 12 ئورنىنى ئىگىلىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مەزكۇر قارار لايىھىسىنى پارلامېنتقا سۇنۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" غا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.