خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى"قىزىق تېمىغا ئايلاندى


2005.03.03

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 10 - نۆۋەتلىك ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا چەتئەل مۇخبىرلىرى ئاساسلىقى ئىككى مەسىلىگە دىققەت قىلماقتا. بىرى، خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى لايىھىسى". يەنە بىرى، خوڭكوڭنىڭ مەمۇرىي باشلىقى دۇڭ جيەنخۇئانىڭ ئىستىپا بېرىش مەسىلىسى ئىكەن.

خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىڭلىن يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىللەرنى "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن"نى تېزدىن بېكىتىپ، تەيۋەننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە چاقىرغان. بۇ قانۇن لايىھىسى شەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى گەرچە مەزكۇر قانۇن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تەيۋەن، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قانۇنىي ئاساس قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بۇنىڭدىن سىرت، خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسىي كېڭەش يىغىندا يەنە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇننىڭ باشلىقى دوڭ جيەنخۇا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ خوڭكوڭ مەمۇرىي رايون باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكالىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.